Dekabir
Tuesday, February 24, 2009
قاراڭغۇلىشىپ،
ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاسمەنلىك كۈچەيگەنىدى. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى «تىلى قوشىقى » نى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يېشىللىققا باغلانغان ھاياتلىق پائالىيىتى ناھايىتى ئوبرازلىق ھالىدا بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا «ئوغۇزنامە» داستانىدا كۆك رەڭگە ئائىت بايانلار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئوغۇرخاننىڭ ئۆڭ - چىرايىنىڭ كۆك بولۇشى، ئۇنىڭ تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك نۇرنىڭ چۈشۈشى، ئۇنىڭ ئىچىدىن كۆزلىرى كۆك، گۈزەل بىر قىزنىڭ پەيدا بولۇشى كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق ئەركەك بۆرىنىڭ ئوغۇزخانغا يول باشلىشى... قاتارلىق بايانلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا كۆك رەڭنىڭ ئېتىقاد ئاساسى بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلىدۇر. شامانىزم ئېتىقادى دەۋرىدە تەبىئەت ئىلاھىچىلىقنى مەركەز قىلغان ئاسمان، قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، شامال، يامغۇر، چاقماق قاتارلىق ھادىساتلارنىڭ يۈزبېرىشىدە كۆك سۆزى تەڭرىگە تەققاسلىنىپ بۈيۈكلۈك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن كۆك (ئىلاھ) چۈشەنچىسىدىن ئالەمنى بىنا قىلغۇچى «ئاللاھ» ئۇقۇمى پەيدا بولۇپ، ئۇ، كۆك تەڭرى چۈشەنچىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىدى. لېكىن كۆكنىڭ خەلق ئېڭىدىكى سىمۋوللۇق مەنىسى (ئېستېتىك مەنىسى) ئۆزگەرمىدى، بەلكى ئادەت سۈپىتىدە خەلق ئارىسىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، قايغۇ - ھەسرەتكە دۇچار بولغاندا كۆككە قاراپ ئىلتىجا قىلىش، يېشىللىقنى قەدىرلەش، تەبىئەتنىڭ تۇنجى مېۋىسى (كۆكى) گە بولغان ھېرىسمەنلىك، بېدە كۆكىدە كۆك چۆچۈرىسى ئېتىپ، ئۇرۇق - تۇغقان ياكى قولۇم - قوشنىلارغا يېڭىلىق تۇتۇش ئۇدۇمى، كۆك مەشرىپى قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
posted by abdujelil at 8:25 PM 0 comments
ئۇلىنىشلار
UyghurSky
Google
Finalsense
ئەڭ يېڭى يازمىلار
قەشقەر مەنزىرلىرى
ئۇيغۇرلاردا كۆك رەڭ قارىشى
بارلىق يازمىلار
February 2009
posted by abdujelil at 8:25 PM 0 comments
ئۇلىنىشلار
UyghurSky
Finalsense
ئەڭ يېڭى يازمىلار
قەشقەر مەنزىرلىرى
ئۇيغۇرلاردا كۆك رەڭ قارىشى
بارلىق يازمىلار
February 2009
posted by abdujelil at 9:15 PM

0 Comments:
Post a Comment
<< Home